ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-12 18:59:23 جەمئى 10779 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرماقتا

 

خىتاي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرماقتا
12- ئىيۇل تەڭرىتاغ تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۇلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن شەرقىي تۈركىسىتان خەلقىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن.
2017–يىلى 4–ئايدا خىتاينڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگىنى بولغان ئاپتونوم رايون دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆنۈملۈك كونترول قىلىش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىزلىتىش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان. 2017- يىلى 4–ئاينىڭ 24–كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدە قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى ‹‹خۇاتەي›› شىركىتى كۆيدۈرگۈچى ئىشقار سېخىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان.
شۇنداق قىلىپ ختىاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017–يىلى بىر يىل ئىچىدە قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىن 47 مىڭ كىشنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىگە يۆتكىگەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا يەنە ئاتالمىش ئاپتونوم رايون دائىرلىرى قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن مەجبۇرى يۆتكەش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. خىتاي ئككىنچى قەدەمدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى يۆتكەش ئۈچۈن باشلىغان ئۈچ يىللىق پىلان دائىرىسى ئىچىدە، 22 ناھىيىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىن يىڭى يىل كىرگەندىن بويان 40 مىڭ كىشىنى يۆتكىگەن.
خىتاي دائىرلىرى مەزكۇر پىلان دائىرە ئىچىدە كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدىن بۇ يىل 5–ئاينىڭ 15–كۈنى 20 ئادەمنى ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى ‹‹خۇاتەي›› شىركىتىگە يۆتكىگەن.
دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر، يېزىلاردىن 2500 نەچچە كىشىنى ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھىغا يۆتكىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ناھىيىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 62 مىڭ 33 كىشىنى يۆتكىگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ