ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گېرمانىيىدە شەرقىي تۈركىستان مىللى كېڭەش يىغىنى باشلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-09 16:08:32 جەمئى 1802 قېتىم ئوقۇلغان.

گېرمانىيىدە شەرقىي تۈركىستان مىللى كېڭەش يىغىنى باشلاندى

گېرمانىيىدە شەرقىي تۈركىستان مىللى كېڭەش يىغىنى باشلاندى
8- نويابىر گېرمانىيىدە شەرقي تۈركىستان مىللىي كېڭەش يېغىنى باشلاندى.
يىغىننى د ئو ق تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتناشقان.
مىللىي كېڭەش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ، قوشۇمچە شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر قاتناشتى.
يىغىن ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇلۇپ، يېغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
يېغىندا يەنە، خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش، كەلگۈسىدە قانداق كونكىرىت تەدبىرلەرنى ئېلىش، قانداق ئۇسۇلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركسىتان مەسلىسىنى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئورتاق ھەل قىلىش كەلگۈسى پىلانلىرى بېكىتىلىدىكەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ