ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مەھمۇتجان داموللام: ئەپسۇس ئىسلام ئەللىرى خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا قارىشى جىنايىتىنى قوللىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-08 16:17:30 جەمئى 2302 قېتىم ئوقۇلغان.

دۇنيا مۇسۇلـمان ئالىملار بىرلىكى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيتى تونۇشتۇرۇلدى.

دۇنيا مۇسۇلـمان ئالىملار بىرلىكى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيتى تونۇشتۇرۇلدى.

شەرقى تۈركستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى ئەزاسى ئۇستاز نىياز داموللامنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت دۇنيا مۇسۇلـمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ يېغىنغا قاتناشنى.
يېغىندا، دۇنيا مۇسۇلـمان ئالىملار بىرلىكى بىرلىكىنىڭ رەئىسلىكىگە يىڭدىن سايلانغان شەيخ ئەھمەد رەيسۇنى ۋە شەيخ ئەلى قەرەداغىي بىلەن كۈرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى تەپسىلى بايان قىلىنغان بىر پارچە دوكلات سۇندى.
يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مەھمۇتجان داموللام سۆز قىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە، لاگىرلاغا تۇتقۇن قىلىندى ھەم ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ. خىتاي ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلغان، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن، مەسچىتلەرنى چاققان، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق شەرىپىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، ئككى كۈن ئىلگىرى ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقي تۈركىستاندىكى ئىنسانى دەپسەندىچىلىكلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ ئاۋازغا قويۇلدى. تولىمۇ ئەپسۇس بارلىق ئىسلام ئەللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى باستۇرۇش جىنايىتىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈپ ئەكسىچە غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىدى.
مەن ئۈممەت ئۆلىمالىرىدىن شۇنداقلا دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلام ئەللىرىگە يەتكۈزۈشنى، ئۆزى باش بولۇپ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىسلامدىكى دوست دۈشمەنلىك ئەقىدىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ