ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 5 مىليون دوللاردىن كۆپ ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

قىرغىزىستاندىكى مەدىنە بازىرىغا ئوت كەتتى

ئۆز خەۋىرىمىز، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ تىجارەت قىلىدىغان مەدىنە بازىرىنىڭ مال ئىسكىلاتىغا 14 – سىنتەبىر يەرلىك ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 دىن ئاشقاندا ئوت كەتكەن ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلغان.

مەلۇماتلارغا كۆرە، 1500 كۇۋادىرات مېتىر كۆلەملىك ئىسكىلاتقا ئوت كەتكەن بولۇپ، 14 ئىسكىلات كۆيۈپ كۈلگەن ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 4 ئىسكىلات بىر يەرلىك ئۇيغۇرنىڭ، قالغان 10 ئىسكىلات ئايرىم ئايرىم ھالدا  10 نەپەر مۇھاجىر ئۇيغۇرنىڭ ئىكەن.

بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 5 مىليون دوللاردىن كۆپ ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

قىرغىزىستان يەرلىك ئاخباراتلارنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ماللىرى كۆيۈپ كەتكەنلەر مۇخبىرلارغا بايانات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشقان.

ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبى بولسا ھازىرچە نامەلۇم بولۇپ، تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ئىگەللىشىمىزچە، بازاردىكى ئىسكىلاتلارنىڭ ھېچبىرىدە ئوت ئۆچۈرۈش تەدبىرى ئېلىنمىغان بولۇپ، بازارنىڭ مەسئۇللىرى ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، شۇنداقلا ئاخشام پەقەتلا مېلى كۆيگەنلەرنى چاقىرتىپ ئايرىم ئايرىم كۆرۈشكەن.

ئەمما تىجارەتچىلەرنىڭ ماللىرىنى ساقلاپ بېرىشنى ھۆددىگە ئالغان بازار ئىگىلىرىنىڭ ئۇلارغا تۆلەم تۆلەپ بېرىش ھەققىدە ھېچقانداق گەپ قىلمىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغىنى ھازىرقى ئوت كەتكەن ئورۇنغا پەقەتلا 20 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان جايدا چوڭ ھاڭگار دەپ ئاتىلىدىغان ۋە مەدىنە بازىرىنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدىغان 30 مو كۆلەملىك ئەڭ چوڭ ئىسكىلاتلارنىڭ جايلاشقان بولۇشى بولۇپ، بۇ يەرمۇ چوڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەن، چۈنكى ئۇ يەردىمۇ ھېچقانداق ئوت ئۆچۈرۈش تەدبىرلىرى يوق بولغاننىڭ سىرتىدا پەقەتلا ئىككى ئىشىكى بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭدەك بىر ئەھۋال يۈز بەرگەن ئەھۋالدا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭمۇ كىرەلمەيدىغانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. شۇنداقلا بۇنداق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنىڭ ماللارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ بازار قىرغىزىستاندىكى چوڭ تىجارەتچىلەردىن تۇرسۇن تاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆپ سانلىقىنى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئىگەللىگەن ئاساستا تىجارەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئىگەللىشىمىزچە 1000 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر تىجارەتچلىرى بولغان بۇ بازاردا خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم قىلىشى سەۋەبلىك ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈرمە ياكى لاگېرلاردا ئىكەن، ھازىر بولسا بۇ بازاردا تەخمىنەن 300 دەك ئۇيغۇر تىجارەتچى قالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىر بازارنىڭ دىرىكتورلىقىنى قىلىۋاتقان تۇرسۇن خېلىلنىڭ بازار باشقۇرۇشىدىن كۆپىنچە تىجارەتچىلەر نارازى ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ