ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

فىلىپپىن خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى خالىسىمۇ، كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-05-25 14:29:50 جەمئى 3831 قېتىم ئوقۇلغان.

فىلىپپىن خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى خالىسىمۇ، كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

 

قېرىم ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە،  فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 –يىلىنى تەبرىكلەش يىغىلىشىدا خىتايغا قارىتىپ سۆز قىلىپ، ھازىرقى مەزگىلدە بىرەر ئۇرۇشقا كىرىشكە كۈچىمىز يەتمەيدۇ. مەن غەلىبە قىلالمايدىغان ۋە نەتىجىسى ئارمىيەمىزنى ھالاك قىلىش بولىدىغان بىر ئۇرۇشقا كىرەلمەيمەن. فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇتېرتە، غەربىي فىلىپپىن دېڭىزىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئەسلىدە ئۆزى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگلىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ قېتىم تالاش  تارتىشلىق ئاراللارغا بومباردىمانچى ئايروپىلان قوندۇرغانلىقى رايوندىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى دېگەن.

خەۋەردە، ساھىلدىكى دۆلەتلەرنى ئىگىلىك ھوقۇقىغا دائىر تالاش  تارتىشلىرى تۈپەيلى خىتاي بىلەن زىددىيەتلىك ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكى، خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىلا ئەمەس، مالايشىيا، بىرۇنى ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان يىرىكچىلىكلىرىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ تالاش - تارتىشلىق دېڭىز تەۋەلىكىگە ياسىۋالغان سۈنئىي ئاراللارنى ھەربىي بازىغا ئايلاندۇرۇپ، قورال ئورۇنلاشتۇرغانلىقى رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان جىددىيچىلىككە سەۋەپ بولغانلىقى، خىتاي بولسا، خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆز - ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تالاش –تارتىشلىق ئاراللارغا ھەربىي مۇئەسسەسەلەرنى ۋە ھەربىي ئايرودۇرۇملارنى ياسىغانلىقى، ھازىر سىپارتلىي تاقىم ئاراللىرى گۇرۇپپىسىدىكى بىر قانچىلىغان ئارالدا خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئايروپىلان يوللىرىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكى، خەلقئارا جامائەتچىلىك «پاراكېل» ۋە «سپىراتىل» دەپمۇ ئاتايدىغان تاقىم ئاراللىرى ۋېيتنام تەرىپىدىن خۇئاڭسا ۋە تىروڭسا، خىتاي تەرىپىدىن شىشا ۋە نەنشا چۈنداۋ دەپ ئاتىلىپ كەلگەنلىكى، خىتاي، تەيۋەن ۋە ۋېيتنام ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش -تارتىشلىرى دەل مۇشۇ تاقىم ئاراللىردا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ