ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

غۇلام دەستىگىر ئايالىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن لاگېر ئالدىدا يېتىۋالدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-08 12:20:17 جەمئى 3033 قېتىم ئوقۇلغان.

غۇلام دەستىگىر ئايالىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن لاگېر ئالدىدا يېتىۋالدى

غۇلام دەستىگىر ئايالىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن لاگېر ئالدىدا يېتىۋالدى
ئۆز خەۋىرىمىز: پاكىستانلىق غۇلام دەستىگىر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لاگىرغا تۇتقۇن قىلىۋالغان ئايالىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ لاگىر ئالدىدا يېتىۋالغان.
غۇلام دەستىگىر بىر قانچە يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسىدىن بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلغان. ئۆتكەن يىلى خىتاي ساقچىلىرى غۇلام دەستىگىر بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنى شەرقىي تۈركىستاندا چاقىرتىپ ئاجرىشىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇلار ئىككىسى ئاجراشماسلىقتا چىڭ تۇرغاندا غۇلام دەستىگىرنىڭ ئايالىنى لاگىرغا تۇتقۇن قىلغان. غۇلام دەستىگىرمۇ ئايالى بىلەن ئاجراشماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ ئايالى تۇتقۇن قىلىنغان لاگىر ئالدىدا تۇرۇۋالغاندا، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ئايال بىلەن ئاجراشسا پۇل بېرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا قىلغان تىجارىتىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ بىراق غۇلام دەستىگىر رەد قىلىپ ئايالى بىلەن ئاجراشماسلىقتا چىڭ تۇرۇۋالغان. خىتاي ساقچىلىرى غۇلام دەستىگىرنىڭ ئايالىنى كامېرانىڭ ئالدىدا ( ئۇنڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ) ئولتۇرغۇزۇپ:« ئىرىڭ بىلەن ئاجرىشىدىغانلىقىڭنى ئوچۇق ئېيتقىن » دەپ مەجبۇرلاپ ئۇرغان بىراق غۇلام دەستىگىرنىڭ ئايالىمۇ ئاجراشماسلقتا چىڭ تۇرغان.
غۇلام دەستىگىر لاگېردىكى ئايالىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ، شەرقىي تۈركسىتانغا قاپسىلىپ قېلىپ، ئۆزىمۇ شەرقي تۈركسىتاندىن چىقالمىغان.
ئاخىردا غۇلام دەستىگىر پاكىستان باش مىنسىتىرى ئىمرانخاندىن ياردەم سوراپ، ئۆزى ۋە ئايال بالىلىرىنى خىتاينىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى ئىلتىجا قىلغان.
غۇلام دەستىگىر خىتايغا خىتاب قىلىپ، قولىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە قىلغان ئىنسانى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى رەسىم ۋە سىنلىق كۆرۈنۈشلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ئايال بالىلىرىمنى لاگېردىن قويۇپ بەرمىسە خىتاينى خەلقئارادا رەسۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئوتتۇرىغا قۇيمىغان يەنە بىر قانچە پاكىستانلىقمۇ ئوخشاشلا خىتاي تەرىپىدىن ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا مەجبۇرلىنىپ رەد قىلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ