ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىدا ئادەم ئازلاپ كەتكەنلىكتىن قاتناش توختىغان.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-17 12:57:38 جەمئى 43250 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىدا ئادەم ئازلاپ كەتكەنلىكتىن قاتناش توختىغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىدا ئادەم ئازلاپ كەتكەنلىكتىن قاتناش توختىغان.
16- ئۆكتەبىر ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە يوللانغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا قىشلاقلىرىدا ئادەم ئاز قالغانلىق سەۋەبىدىن قاتناش توختىغان.
ئىسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشى ۋەتەندىن ئۇچۇر قىلىپ، ھازىر يېزىلارغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خىتايلار قاتتىق ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى، ھەتتا ئۆيدە تۇرۇپ ئۆي ئىگىللىرىنىڭ قىزلىرىغا نومۇسسىز قىلىقلارنى قىلۋاتقانلىقىنى، ئۆي ئىگىلىرى بۇ ئەھۋاللارنى ساقچىغا مەلۇم قىلغاندا ساقچىلار نومۇس قىلماي ئۇيغۇرلارغا «سىلەر ياخشىراق ماسلاشقان بولساڭلار بۇنداق بولمايتتى» دىگەندەك گەپلەرنى قىلغانلىقىنى، بەزى چەت يېزىلادا تۈرمە ۋە لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئادەم ئازا قالغانلىقتىن شەھەرگە كىرىشكە قاتناش يوق، ھەتتا كىچىك بالىلار قىزىپ قالسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا قاتناش تاپالمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى، يېزا ئاھالىلىرىنى كۈندۈزى ۋە كەچلىرى سىياسىي ئۇگىنىشكە تەشكىللەپ ئۆز ئىشلىرىنى قىلدۇرماي ئائىلىلەرنى نامرات قىلىپ ئۆزىگە بىر پۈتۈن بېقىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، جەمئىيەتتە قالغان ياشلارنى ئايدا 600 كوي مائاش بىرىپ كوچا دوقمۇشلىرىدا ئامانلىق ساقلاشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، ۋەتەندە ھازىر خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ بوزەك قىلسا، تىللىسا جىنايەت مەس ئەكسىچە ئۇيغۇرلار خىتاينى «خەنزۇ» دەپ قۇيسا، «قېرىنداش دىمدىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزدۈڭ» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ خورلۇقلارنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، لاگىرىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلارنى ئاۋۋەل توۋىنامە يازغۇزۇپ ئاندىن كىرىشتۈرگەنلىكىنى، لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ساق – سالامەت چىقىشقا كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بولاپ ئالمىغان پەقەتلار بىر ئىسسق جېنى قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ