ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ۋاقتى كەلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-08 14:38:27 جەمئى 2297 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ۋاقتى كەلدى

شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ۋاقتى كەلدى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئىچىدە ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان مەمۇر-سەن، يەنى تۈركىيە دۆلەت كادىرلىرى ئۇيۇشمىسى ، خىتاي بىلەن ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەھۋاللىرىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ 81 شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ختاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا تۈركىيە دۆلەت كادىرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلى يالچىن ئەپەندى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە باشلانغان ب م ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينىڭ سوراققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ 1949- يىلدىن بېرى تىنىمسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ھەرگىز چېكىنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ