ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى چەتئەللىكلەرنى قوغلاشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-12 15:20:45 جەمئى 1428 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى چەتئەللىكلەرنى قوغلاشقا باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى چەتئەللىكلەرنى قوغلاشقا باشلىدى
11- ئىيۇن فېيىسبۇك سەھىپىسىدە تارقالغان ئاۋازلىق ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى چەتئەللىكلەرنى دۆلەتلىرىگە قوغلاشقا باشلىغان.
ئۇچۇرىدا بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىلىرىنى بىكار قىلىپ چېگرادىن چىقىرىۋېتىشكە باشلىغان. ئۈنىدىن باشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن توي قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان چەتئەللىكلەرنى دۆلىتىگە قوغلاشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئېگىلىنىشىچە، خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوك شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە سانىنى كۆپەيتىشكە باشلىغان.
تەھلىلچىلەر: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان تەۋەلىكىدىن چەتئەللىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىش قىلىمىشى بولسا، خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ تىزگىنلەپ، شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى باستۇرۇشنى خەلقئارادىن يۇشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرىنىڭ بىرى دېيىشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ