ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىخەتەرلىك چىقىمى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-09 10:18:41 جەمئى 2020 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىخەتەرلىك چىقىمى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىخەتەرلىك چىقىمى ئاشكارىلاندى
8- نويابىر ب ب س تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا بىخەتەرلىك چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرىشىچە، سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆرسىتىشىدىن قارىغاندا، خىتاي تەرەپنىڭ 2017 - يىلى يېڭى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، خىتاي بۇ ئەسلىھەلەرنى <<كەسپىي تەربىيىلەش>> مەركەزلىرى دەپ ئاتىۋالغان. بىراق، گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇتەخەسىسى ئادرىئان زېنز، تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 2017 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا كەسپىي تەربىيىلەش راسخوتىنىڭ %7 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامانلىق ساقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ چىقىمى بولسا، 20 مىليارد يۈەنگە (2 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) يېقىن ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مۇتەخەسسىس ئادرىئان زېنز تەكشۈرۈش جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ خىتاي ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بۇ يىل خېلى بۇرۇنلا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يوقۇرقى سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ جازا لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي سىياسىتىنىڭ دىنىي ۋە شەخسىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۈز قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينى، يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىگە قارىتا جازالاشنى ئويلاشقانلىقى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: مۇكەررەم


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ