ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جېرومى كوخېن: خىتاينىڭ ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى قانداق مونوپول قىلىغانلىقىنى پاش قىلىدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-09 15:31:59 جەمئى 1834 قېتىم ئوقۇلغان.

جېرومى كوخېن: خىتاينىڭ ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى قانداق مونوپول قىلىغانلىقىنى پاش قىلىدى.

جېرومى كوخېن: خىتاينىڭ ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى قانداق مونوپول قىلىغانلىقىنى پاش قىلىدى.

ڧرانسىە خەلقئارا رادىئوسى خىتايچە بۆلۈمى ئامېرىكا نىيو يورك ئۇنىۋېرسىتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى جېرومى كوخېننىڭ بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
ماقالىدە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە پەقەت 45 سېكۇنتلا پىكىر بايان قىلىش ۋاقتى بەرگەنلىكى، دۇنيادىكى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە تۈركىيەدىن باشقا ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلىتى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە قۇلاق يوپۇرغانلىقىنى ، ھەتتا بىر قىسم ئەرەب ئەللىرى خىتاينى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەيىپلىگەن.
پروفىسسور يەنە، 6- نويابىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قاراپ چىقىشى ئىدى، بىراق دۇنيانىڭ كۆزى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۈرمىگە قاماش ۋە خالىغانچە قاماپ قۇيۇپ ئىرقى قىرغىن قىلىش قىلمىشىنى تەنقىد قىلىش ياكى قىلماسلىقىغا مەركەزلەشكەن بىر پەيىتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئارنلا 45 سېكۇنتلا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
پروفىسسور جېرومى ماقالىسىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تەسىرىنى كۆچەيتىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىپ كۆپلىگەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغانلىقى، مۇستەبىت دۆلەتلەرمۇ خىتاي تەرىپىنى ئېلىپ، ئىنسان ھەقلىرى ساھاسىدە خىتاينى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
پىروفىسسور جېرومى يەنە، ب د ت رامكىسى ئىچىدە خىتايغا زەربە بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش شەرتنامىسىنى كۆرۈپ چىققان كومىتېت ۋە ب د ت خالىغانچە قاماپ قويۇش مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خىتاينىڭ شەخسىي ئىنسانىي ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئەيىبلىسە بولىدىغانلىقىنى، ب د ت رامكىسى سىرتىدا، ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش رايون خارەكتىرلىك خەلقئارالىق ئورگانلار، خەلقئارالىق ئىقتىساد تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ئەيىبلەشنى پۇرسەت بىلىشى كېرەك.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ