ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيىدە ئاشخانا ئاچقان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنشلىق ۋەزىيەتنى ئاشكارىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-13 16:45:22 جەمئى 6682 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيىدە ئاشخانا ئاچقان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنشلىق ۋەزىيەتنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيىدە ئاشخانا ئاچقان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنشلىق ۋەزىيەتنى ئاشكارىلىدى
13- ئىيۇن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرەدە ئاشخانا ئاچقان بىر خىتاي ئۈندىدار سەھىپىسىدە « تۈركىيىگە كىلىپ ئەركىن ھاۋادىن نەپەس ئالدىم » تېمىسىدا بىر پارچە ئۇچۇرى تارقاتتى.
ئۇچۇردا مەزكۇر خىتاي يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپاندا تۇرۇشلۇق تۇغقىنى ۋە دوستلىرىنى يوقلىغىلى بارغانلىقىنى، تۇرپاندىكى دوستلىرى ئۆزىنىڭ تۈركىيىدىن كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن كۆرۈشكىلى كىلىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر كىشنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى، ئاز دېگەندە 17 ئۇيغۇر ئىچىدىن بىرىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرى»غا قامالغانلىقىنى، خىتاي رېجىمنىڭ يېقىنىقى پىلانىدا 12 ئۇيغۇر ئىچىدىن بىر ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر خىل كەسىپلەردە قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن، ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىسپاتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يۇرتلىرىغا قوغلىنىپ، ئىككى يىل ئىلگىرىكى ئۈچ مىليون 500 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ساننى بۈگۈنكى كۈندە ئىككى مىليون 200 مىڭغا چۈشۈرۈپ بولغانلىقىنى، خىتاي رېجىمنىڭ بىخەتەرلىك نامى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنى ھېچقانداق كىشىنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنى، خىتاي رېھىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشى ئىچىكى زىددىيەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كەلگۈسىدە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىن ھالەتكە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ