ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىيى پارتىيە ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-11 16:07:08 جەمئى 2287 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىيى پارتىيە ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

 

ئىيى پارتىيە ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
10- ئۆكتەبىر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئىيى پارتىيە ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ياۋۇز ئاغىر ئەلى ئوغلۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
ئىيى پارتىيىسىگە ۋەكالىتەن مىللىتىمىزگە شەرقىي تۈركسىتان مەسلىسى ھەققىدە شىڭايەت قىلىمەن. شەرقىي تۈركسىتان ھەققىدە ھەر كۈنى كېلىۋاتقان ئېچىنشلىق خەۋەرلەرنى ھەممىمىز بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركسىتانغا مۇناسىۋەتلىك جىددى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلشىقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. دۆلەت چېگرىلىرىدا 4 مىليوندىن ئارتۇق مېھمانغا ئىگە بولغان ۋەزىيەت ئاستىدا خىتايدىن كەلگەن بىر قانچە مىليون دوللار سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر تۇركلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرمەسكە سالمايمىز. شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىقتساد، سىياسەت جەھەتتىكى ئارزۇلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قىرىلىپ كېتىشىنى كۆرمەسكە سېلىپ، بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ ئۇ يەردە قىرىلىپ كېتىشكە روخسەت قىلالمايمىز. ئوچۇق تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ھالەتلەردىن ئۇتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتىگىيىلىك شېرىكلىرىمىز كۆز يۇمۇۋېلىپ ئۆزىنى قاچۇرغان بىر پەيىتتە، ئىشەنچىمىزنى خىتايغا باغلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى كۆرمەسكە سالمايمىز. شەرقىي تۈركستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان زۇلۇملارغا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە دۆلىتىمىز ۋە مىللەت مەجلىسىنىڭ بۇ مەسىلىگە سەزگۈرلۈك بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ