ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا بىلەن خىتاي جىبۇتىنى نىمە ئۈچۈن تالىشىدۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-17 15:47:27 جەمئى 34523 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي جىبۇتىنى نىمە ئۈچۈن تالىشىدۇ؟

 

خىتاي قىممىتى 1 تىرلىيون دوللارغا يېتىدىغان «بىر بەلۋاغلىق بىر يول »پىلانى ئارقىلىق دۇنياۋىي تىجارەت تورىى قۇرۇشقا باشلىدى. جىبۇتى خىتاينىڭ پىلان دائىرسى ئىچىدىكى مۇھىم بىر رايون بولۇپ، ئافرىقىغا بارىدىغان بىردىنبىر ئۆتۈشمە يول بار ھەمدە جىبۇتىدا خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى بار.

بۇ ماقالىنى لىۋانلىق ئاخباراتچى ۋە سىياسىي تەھلىلچى ھۇدا ھۈسەيىن « ئوتتۇرا شەرق ژورنىلى » دا ئېلان قىلغان. ماقالىسىدە مۇنداق دىيىلگەن:  

« ئامېرىكا بىلەن خىتاي  مۇناسىۋەتلىرىگە قاريدىغان بولساق ئامېرىكىنىڭمۇ  جبۇتىنى  قولدىن بېرىشنى خالىمايدىغانلىقى بىلىنىدۇ . بۇ رايوندا يەمەن ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، يەنە بىر توقۇنۇش سىگنالى جىبۇتىدىن كېلىۋاتىدۇ.

‏ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆز- ئارا سۈركىلىشىدىن قارىغاندا خىتاي جىبۇتىنى

ئىككىنجى بىر دۈبەي قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى  9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جىبۇتى بىلەن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەۋە بولغان دۈبەي PD world شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ئۇقۇشماسلىقلار كۆرۈلدى. جىبۇتى شەرقىي ئافرىقىدىقى كىچىك بىر دۆلەت بولۇپ ،ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن سىرت مۇھىم بىر مال تىرانسىپورت مەركىزى PDworld  شىركىتىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت ئۆزىنى كېلىشىمنامىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇتۇنىۋاتقان بىردۆلەتنىڭ خىرىسى خالاس .

 چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جىبۇتىنىڭ ئۆز- ئارا  كېلىشەلـمەسلىكنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى جىبۇتى   PD world شىركىتى بىلەن بولغان كېلىشەلـمەسلىكنى چوڭايتىش ئارقىلىق سىياسىي نۇقتىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ سەزگۈر بىر رايونىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن تەھدىت سېلىۋاتىدۇ .چۈنكى ۋاشىنگىتون بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىرىك مۇناسىۋەت داۋاملىشىۋاتقان  مۇشۇنداق بىر پەيىتتە،  جىبۇتى نەزەر دائىرىسىنى خىتايغا قارىتىشقا باشلىدى.  

جىبۇتى   - 2ئايدىن ئېتىبارەن DP world شىركىتىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىدى ۋە Doraleh.kotyne  تېرمىنالىغا ئالاقىلىق ئورتاق شىركەت كېلىشىمنامىسىنى ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تېرمىنالنى قول ئىلىكىگە ئېلىۋالدى. ئەمما DP world  شىركىتى ئەنگىليە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغاندا ئەنگىليە سوت مەھكىمىسى جىبۇتىنى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تېرمىنالغا ئېرىشكەن دەپ قاراپ ،جىبۇتىنى بۇ قىلـمىشىدىن توسوپ قويدى. بۇ سوت ئارقىلىق جىبۇتى پورت شىركىتىنى دۆلەتنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىغا ئېلىشىنى قارار قىلغان ئىدى.

رەئىس ئىسمايىل ئۆمەر گۈللىنىڭ مەسلىھەتچىسى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاددىي ئۇسۇلدا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى ۋە ئىقتىسادىنى قوغداشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن .

‏جىبۇتى قىزىل دېڭىز ۋە سۈۋەيش قانىلىغا قۇرۇلغان بىر تىجارەت كارىدورى بولۇپ، يىلىغا 700مىليارد دوللارلىق ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئارىسىدىكى دېڭىز تىجارىتى نىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جىبۇتىدىن ئۆتىدۇ. ئەمما گۈللە ھۆكىمىتى جىبۇتىنى دۈبەيگە ئوخشاش بىر رايونغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن جىبۇتى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى يېڭى  ئۈچ پورت ئاچتى.  doraleh پورتىدا ئەركىن تىجارەت بازىرى قۇرۇپ ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن بازار قىلىشنى پىلان قىلدى.»

 

كۈزەتكۈچىلەر: جىبۇتى ھۆكىمىتىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرىدا بېيجىڭغا سوزۇلغان بىر قولنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي بىلگىنىمىزدەك چىقىمى 1 تىرلىيون دوللار ئەتراپىدا مەبلەغ سالغان« بىر بەلۋاغلىق بىريول» پىلانى ئارقىلىق دۇنيانى قاپىلغان بىر تىجارەت تورى قۇرۇشقا ئورۇنىۋاتىدۇ. جىبۇتى خىتاي سودا پىلانىدىكى ئاساسىي رايوننىڭ چوڭ بىر قىسمى بولۇپ ، خىتاي  مەبلەغ سالماقچى بولغان مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرى . خىتاي بانكىلىرى جىبۇتىغا ئاخىرقى 2 يىلدا جىبۇتىغا 1.4مىليارد دوللار دىن كۆپرەك ساننى ئىگىلىگەن ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومومىي قىممىتىنىڭ 75%نى بەردى مەمدە ھەر خىل تۈردىكى ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بەردى. خىتاي ئىقتىساد ۋە ئادەم كۈچى بىلەن Doraleh دە ئەركىن تىجارەت رايونى قۇردى ۋە «China merchants holdings»شىركىتى بىلەن شىرىكلەشتى.

بۇلارغا قارشى DP world  شىركىتىنىڭ غەزەبلىنىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس ئەلۋەتتە،  DP world  شىركىتى خىتايغا Doraleh بىلەن بولغان كېلىشىمنامىدىن چېكىنىش ھەققىدە تەھدىت سالدى . بۇ سۈركۈلۈشلەر پەقەت دۈبەي بىلەنلا توختاپ قالـماي ۋاشىنگىتونغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرگەن گۈللە ھۆكۈمىتىنىڭ Doraleh پورتىنى خىتايغا پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىشى جىبۇتى پارلامىت ئەزالىرىنى ئەندىشە سالدى. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشى جىبۇتى ھۆكۈمىتى بۇنى بىر تىجارەت مەسىلىسىلا ئەمەس بەلىكى ئۇنىڭدىن بىر  قەدەر چوك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئويلىغان.

  خىتاي Konteyne  پىرىستانىنىڭ يىنىدىكى Doralehدە ھەربىي بازا  قۇردى. خىتاينىڭ ھەربىي بازىسى ئامېرىكىنىڭ Lemonnie  ئەسكىرى بازىسىنىڭ يېنىدا ئىدى. بۇ ئىشلار ۋاشىنگىتوننى ئەندىشىگە سالدى .چۈنكى ئىككى بازىنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن ئىدى.

-21ئەسىردە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغلىق بىر يول» سودا پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشتىكى مەقسىتى تىجارەت شىركەتلىرىنى كۆپەيتىش دەپ قارالدى. خىتاي رەئىسى شي جىنپىڭ ئوخشاش شەرتلەر ئاستىدا جىبۇتىغا شېرىكتەك مۇئائىلە قىلىدىغىنىنى بىلدۈردى. بۇ شەكىلدە خىتاي جىبۇتىدا بارغانسېرى كېڭەيدى ۋە مۇھىم سىتراتىگيىلىك ئورۇنلارغا ئىگە بولدى. ئۆزىنىڭ كەمبەغەل شىركىنى قەرز بېرىش شەكلىدە تەرتىپكە سالدى. بۇ ئسىتراتىگيە ئارقىلىق خىتاي چەتئەل تەۋەسىدىكى نۇرغۇن يەرلەرنى ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ھىندى ئوكياندىكى Hambantota پورتىنى قولىغا ئالدى.»

ماقالىدە يەنە،« پاكىستان رەئىسى ئىمرانخان خىتاينىڭ سىقىشلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ھازىر يېڭى مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تۇنجى زىيارىتىنى سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھلىرىغا قاراتتى» دىيىلگەن.

 

‏جىبۇتىنىڭ قەرز نىسبىتى ، ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتىنىڭ 85%نى ھاسىل قىلىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ قەرزلىرى تۈپەيلىدىن بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن.

شۇنىڭدەك سىرلانكىنىڭHambanta  پورتىنى يوقىتىپ قويغىنىغا نىسبەتەن Doraleh نىڭ خىتايغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلـىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ رېئاللىققا ئايلانسا ئامېرىكىغا نىسبەتەن بىر پالاكەتچىلىك بولىدۇ .

     ئامېرىكا رەئىسى Donald Trumpخىتاينى قورقۇتۇش ئۈچۈن يېڭى جازالارنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا خىتايمۇ تىرامىپقا جىبۇتىنى دەستەك قىلىپ تەھدىت سالدى. خىتاينىڭ تەھدىدى ئامېرىنىڭ خىتايغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسىنىڭ ۋاشىنگىتون نوپوسىنى يوق قىلىۋىتىشكە ئۈندىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تەھدىت سۇمالى ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلىنىشىغا يىقىن ۋە يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشلار داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ چاغدا ئىران سەئۇدىي ئەرەبىستانغا ھەم ئامېرىكىغا قارشى دۈشمەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلدى .

   

‏Lemonnier لاگىرى سۇمالى ۋە يەمەن ئۈچۈن بىر باشلانغۇچ نۇقتا بولۇپ،ھازىر ئامېركىنىڭ  lemonnier لاگىرىغا توسالغۇسىز بىمالال كىرىشكە بەك پايدىلىق. بەزىلەر جىبۇتىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زىديەت پەيدا قىلغۇدەك چوڭ ئەمەس دەپ قارىماقتا، لېكىن ئۆتمۈشتىكى سوۋىت ئىتىپاق قانداق بولغان بولسا بۈگۈن خىتايمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن ئوخشاش.

ئامېرىكا خىتاينى ھىيلە ـمىكىر ئىشلەتتى دەپ ئەيىپلەۋاتىدۇ. خىتاي بولسا « بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ئارقىلىق بۇ ئەيىبلەشنى رەد قىلىۋاتىد. شۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئويۇنلىرىنىڭ ئاخىرىلىشىشى ياكى ئاخىرلاشماسلىقىغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى بېسىملىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۇئاللار كۆپىيىشكە باشلايدۇ .»

تەييارلىغۇچى: سۈمەييە


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ